سېغىنىپتىمەن
يىراقلاردىن ئاڭلاندى بىر ئۈن .
سېنى يېنىپ كەلدى دەپتىمەن .
جىمجىتقىنە تۇرمامدۇ ياق ياق .
ئەسلى سېنى سېغىنىپتىمەن .
ساڭا ئوخشاپ قالسا بىرلىرى
تەلمۈرىمەن ئۇزاقتىن ئۇزاق .
ئەمەسلىكىڭ يىغلاتتى ئاخىرى .
بۇ قانداق دەرت ؟ بۇ قانداق قىيناق؟ .
يامغۇرمىكىن دېيىشتى بىلمەي .
سېغىنىشتىن تۆكۈلسەم كېچە .
كېلەرىڭدىن بىر خەۋەر بەرسەڭ .
قالماس ئىدىم بۈگۈنكى كۈنگە .
شاماللارغا سۆزلىشىم قىزىق .
يوقاتتىمغۇ ئۆزۈمنى كىم مەن .
مەن ئەقلىمدىن ئازدىممۇ دېسەم .
ئەسلى سېنى سېغىنىپتىمەن .