作词 : Ruzi sayit
作曲 : Ozleshturulgen
编曲:Abduwali-Tohti
بىخەۋەر
مۆمىنجان ئابلىكىم
دىل كۆكۈمدە پارلىغان ئاي قەمەرسەن
چولپان كەبى جىلۋىگەرسەن دىلبەرسەن
دىل كۆكۈمدە پارلىغان ئاي قەمەرسەن
چولپان كەبى جىلۋىگەرسەن دىلبەرسەن
تىنىقىمغا ئىپار چاچقان سەھەرسەن
مەن كۈيىمەن بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
تىنىقىمغا ئىپار چاچقان سەھەرسەن
مەن كۈيىمەن بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
♬♬♬♬♬
كىچە كۈندۈز خىيالىڭنى سۈرەرمەن
ئەتراپىڭنى ئايلىنىپلا يۈرەرمەن
پىراقىڭدا شامدەك ئىرىپ تۇرارمەن
مەن كۈيىمەن بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
كىچە كۈندۈز خىيالىڭنى سۈرەرمەن
ئەتراپىڭنى ئايلىنىپلا يۈرەرمەن
پىراقىڭدا شامدەك ئىرىپ تۇرارمەن
مەن كۈيىمەن بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
♬♬♬♬♬
قاچانلاردا شەيدا قىلدىڭ ئۆزۈڭگە
قىزىل گۈلدەك كۆرىنىسەن كۆزۈمگە
ھەر بېقىشىڭ ئوت ئالدۇرار يۈزۈمگە
مەن كۈيىمەن بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
ھەر بېقىشىڭ ئوت ئالدۇرار يۈزۈمگە
مەن كۈيىمەن بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
♬♬♬♬♬
بۇجانىمىنى بوشات ھىجران دامىدىن
دىل ھوجرامنى يۇرۇت ۋىسال شامىدىن
تەڭ ئىچەيلى شەربەت سۆيگۈ جامىدىن
مەن كۈيىمەن بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
بۇجانىمىنى بوشات ھىجران دامىدىن
دىل ھوجرامنى يۇرۇت ۋىسال شامىدىن
تەڭ ئىچەيلى شەربەت سۆيگۈ جامىدىن
يۈرىۋەرمە بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
يۈرىۋەرمە بىخەۋەرسەن بىخەۋەر
♬♬♬♬♬
翻译:娜菲莎·亚尔买买提