作词 : Alimjan Studio/Abdulla Abdurehim 阿不都拉
作曲 : Alimjan Studio/Abdulla Abdurehim 阿不都拉
كەل قەدىردان قۇلۇڭنى بەر قەلبىمنى بىرەي
ھايات شىرىن مۇھاببەتتە مىھرىمنى بىرەي
تىك ياشىغىن نىسىۋەڭ بار ئايدا قۇياشتا
دىل بېغىڭغا ھارارەتتىن تەپتىمنى بىرەي
تىك ياشىغىن نىسىۋەڭ بار ئايدا قۇياشتا
دىل بېغىڭغا ھارارەتتىن تەپتىمنى بىرەي
داسقان سالاي خامىنىڭنى سوقسا جۇد بۇران
چاي ئىچەيلى بىر چىنىدىن تۇرۇپ يانمۇيان
ئالتە كۈنلۇك قۇنالغى بۇ ھەممىمىز مىھمان
ئادەملەرگە ئادىمىيلىك قەرزىمنى بىرەي
گەر چاڭقىساڭ مىنى بۇلاق بۇلاق دەپ بىلگىن
قانات قاقساڭ يەنە سۈزۇك ئاسمان دەپ بىلگىن
غەملەنمىگىن مۈشكۈلۈڭدە خاقان دەپ بىلگىن
ئاتەش قۇللار ساڭا تاجۇ تەختىمنى بىرەي
غەملەنمىگىن مۈشكۈلۈڭدە خاقان دەپ بىلگىن
ئاتەش قۇللار ساڭا تاجۇ تەختىمنى بىرەي
مىھرى ۋاپا ئېقىن بۇلۇپ قالسۇن يۈرەككە
چىن سۆيگىدىن تولسۇن ئالەم گۈلگە چىچەككە
نىمە يەتسۇن بۇ دۇنيادا باغرى كەڭلىككە
تەڭ كۈلەيلى كىرەك قىلساڭ بەختىمنى بىرەي
تەڭ كۈلەيلى كېرەك قىلساڭ بەختىمنى بىرەي