作词 : Alimjan-Abdukadir
作曲 : Bilal Enwer/Alimjan-Abdukadir
سىنى گۈلگە ئوخشىتالمايمەن
جۇدۇن كەلسە تۇزۇپ كىتىدۇ
شاماللارغا ئوخشىتاي دىسەم
ئۇ ھەممىنى سۈيۈپ ئۈتىدۇ
ئاي دىمەسمەن ئاينىڭ دېغى بار
يۇلتۇز دىسەم ئۈچەر چېغى بار
ئوخشىشىڭنى تاپالمىدىم ھېچ
سەن بول پەقەت كۆڭلۈمدىكى يار
سەن قەلبىمدە كۆيگەن پىراقسەن
نەپىسىمدە خۇشبۇي پۇراقسەن
ھاياتىمغا مەنا ،مەنا بېغىشلاپ
ماڭا نىسىپ بولغان ئۇماقسەن