作词 : Naysen
作曲 : Naysen
编曲 : Naysen
ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۆزى سەن
يۈرەكتىكى تىۋىشلارنىڭ سۆزى سەن
بۇ يولدىكى ئارزۇيۇمنىڭ ئۆزى سەن
ساڭا تەشنا جۈپ كۆزۈمنىڭ نۇرى سەن
سەن مېنىڭكى سۈبھىدىكى نۇرۇم
نۇرۇڭدا نۇرلانسام دەيمەن
نۇرۇڭدا بىر ئۆمۈر ھەمدەم بولۇپ
قاراڭغۇ كېلەچەكتە يانسام دەيمەن
سەھەردىكى قۇياش سەن
ئىللىقلىق چاچىسىەن
سالقىن شامال سەن
شەبنەم پۇرايسەن
يەر ئاسمىنىنى تارتاي گۇۋاھقا
تاغ دەريانى تارتاي گۇۋاھقا
بىرلا سېنى سۆيىمەن ئاڭلا
قۇلاق ئەمەس يۈرەكتىن ئاڭلا
مۇزىكا
گۈل چېچەككە ئورالغان باھارسەن
ئۆزگىچە پۇرىقۇڭدىن خۇمار مەن
يۈرىكىمنىڭ تومۇرىدا ئاقارسەن
سەنسىزلىككە ھەرگىزمۇ ئۇنىمايمەن
سەن مېنىڭكى سۈبھىدىكى نۇرۇم
نۇرۇڭدا نۇرلانسام دەيمەن
نۇرۇڭدا بىر ئۆمۈر ھەمدەم بولۇپ
قاراڭغۇ كېلەچەكتە يانسام دەيمەن
سەھەردىكى قۇياش سەن
ئىللىقلىق چاچىسىەن
سالقىن شامال سەن
شەبنەم پۇرايسەن
يەر ئاسمىنىنى تارتاي گۇۋاھقا
تاغ دەريانى تارتاي گۇۋاھقا
بىرلا سېنى سۆيىمەن ئاڭلا
قۇلاق ئەمەس يۈرەكتىن ئاڭلا