سەھرا
يۈرىمەن شەمۇ - شەھەر
كۆزئالدىم ئىگىز بىنا
ناتونۇش ھەممە چىراي
تۇغۇلار مىڭبىر سوئال
تونۇماس ھېچكىم سېنى
سورىماس سىرلىرىڭنى
ئانا تىل بولدى كېكەچ
قىلالماي سۆزلىرىڭنى
مىسكىنلىكنىڭ ھەسرىتى چەكسىز
قىززىقمايدۇ ھېچكىم سىرىڭغا
نەچچە مەرتەم سۆيگۈم كىلىدۇ
لاي كوچىدا قالغان ئىزىمغا
ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە
يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى
ھېيت بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك
ئاڭللانمىغاچ ئۇيغۇر ناۋاسى
يۈرىمەن شەمۇ - شەھەر
كۆزئالدىم ئىگىز بىنا
ناتونۇش ھەممە چىراي
تۇغۇلار مىڭبىر سوئال
تونۇماس ھېچكىم سېنى
سورىماس سىرلىرىڭنى
ئانا تىل بولدى كېكەچ
قىلالماي سۆزلىرىڭنى
تاپالمايسەن سەھرالىرىدىن
ساڭا تونۇش كۆكلەم ھىدىنى
چۈشلىرىمدە چىللايدۇ خوراز
سېغىندۇرار كاككۇكنىڭ ئۈنى
ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە
يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى
ھېيت - بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك
ئاڭللانمىغاچ ئۇيغۇر ناۋاسى
ئەي سەھرا ......ئەي سەھرا......ئەي سەھرا