作词 : Nimxihit
作曲 : Heliq
جاھان رەنالىرى ئىچىدە بىلىمىدەك بىر
بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق
بىلىمىدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ
بېشىڭغا كەلسە بىر كۈنلەر ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
پاراغەت ئىزدىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن ھەمراھ
ئەگەر سەن پۇل، پۇلدىن ئايرىلساڭ شۇئان تاشلايدۇ ھېچ ئار يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
گۇمان قىلما پەلەكنى ھەر قاچان بەختىڭگە چۆرگىلىمەس
بۈگۈن باي ھەم ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق بەلكى قەرزدار يوق
جاھان رەنالىرى ئىچىدە بىلىمىدەك بىر
بىلىمىدىن ئۆزگە تۇتقان يار بۇلۇر ئۇ
بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق
بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق
بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق