作词 : 阿总-灬Music
作曲 : 阿总-灬Music
بۇ كېچە قەلبىمدەك شۇنچىلىك تىمتاس،
ھېسلىرىم ئۇنىڭغا كەتتىغۇ سىڭىپ.
يۈرەكنى كۈل قىلغان تەلۋە سېغنىش،
تەمىمۇ ئۆزگەرگەن، رەڭگىمۇ ئۆڭۈپ.
خىيانەت جۇدۇنى سوققان يۈرەكتە،
بولمايدۇ قايتىدىن ئەسەبىي سۆيۈش.
سۆيۈلۈش شۇنچىلىك گۈزەل بولسىمۇ،
قەلبىمنىڭ تىۋىشىـى ـ يىگانە ئۆلۈش.
گۈلخاندەك كۆيۈشلەر ئەمدى پەسەيگەن،
قالغىنى ئارمانلار، ئۆلگىنى يۈرەك.
ۋە لېكىن تۈنلەردە نەچچە ئۆلسىمۇ،
ھەر يېڭى سەھەردە دەس تۇرماق كېرەك.
ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ دۇنيادىن رەنجىش؟
تاشلىـــساق بولــــىدۇ ئازابلىــــرىنى.
تاڭدىكى شامالدەك بىر خىيال قىلدىم:
تارتمىسام ھىجراننىڭ كۈلپەتلىرىنى…