作词 : URC Astred Beat
作曲 : URC Astred Beat
编曲 : URC Astred Beat
ئىچىمدىكى قاداقلار بىلەن قەسەمكى .
ھالبۇكى ، ئاقىرىۋاتقان ئۈمىدلەر بىلەن قەسەمكى .
چىقالمايۋاتقان جېنىم بىلەن قەسەمكى .
سەن يوق تاڭلار بىلەن قەسەمكى .
تامغا ئايلىنىپ قالساڭمۇ سېنى تونۇيمەن .
بىر قۇشنىڭ يانچۇقىدا بولساڭمۇ سېزىمەن .
يىلان بولۇپ قايتا تۇغۇلساڭمۇ بىرسىنى سۆيىمەن .
كۈلۈپ بەرمە جېنىم چىقىدۇ ئارزۇ .
بەللىرىڭنى سىققىم كېلىدۇ
ھاياجاندا كۆرمەيدۇ كۆزۈم ئارزۇ ،
سېنى ئېلىپ قاچقۇم كېلىدۇ
تىلەك تىلەڭ بەختىمگە جان ئانا جان ئانا .
ئەمدى سالمايمەن سىزگە ، جاپا .
رازى بولۇڭ ئوغلىڭىزدىن جان ئاپا .
توي قىلىپ قايتۇراي ۋاپا .
بىللە باقايلى چوڭلارنى ئارزۇ .
بىللە قىلايلى چوڭلارنى تەۋەززۇ
ماڭا ياتلىق بولۇڭ مەڭگۈ ئارزۇ .
نېسىپ قىلسۇن كۈتۈش يۈز ئاچقۇ
سۆيىمەن سېنى ئارزۇ ئارزۇ .
سۆيىمەن سېنى ئارزۇ ئارزۇ .
سۆيىمەن سېنى سۆيىمەن سېنى ئارزۇ
ئىسمىڭنى چاقىرىش قورقۇنۇچلۇق .
سېنى سۆزلەيدىغان يوللار قورقۇنچلۇق .
قورقۇنچلار ئىچىدە سۆيىمەن سېنى .
سېنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ؟
ھېچكىمنى سۆيمەسلىكىمنىڭ سەۋەبى سەن .
ئىكەنلىكىڭنىلا بىلىمەن .