ئانا قەلبى دەرياكەن
ئالەم ساڭا شەيداكەن
مىھرى نۇرۇڭ ھەممىگە چاقناپ
تۇرغان زۆھرەكەن
ئانا يۈرىكى ناۋا
باغرىڭ تۇپراقتۇر گويا
سىنىڭ ئارزۇ بىغىڭدىن
ئۈنەر گۈل گىياھ
ئانا مۆھتىرەم
جېنىم ئانام تايانچىم
ئايۋانىڭدا ئۈنلەيدۇ
مىنىڭ بەخىت قالغىچىم
مەن سىنى تاغىم دىسەم
تاغلار بىشنى ئەگدى
مەن سىنى باغىم دىسەم
گۈللەر رومال چەگدى
ئانام سەن گۈلخان
ئانام بىباھا گۆھەر
ئانام سەن بولساڭ تىنىچ ئامان
قۇياش كۈلەر
ئانا چەككەن جاپا ئوغلۇڭدا ۋاپا
قىلىمەن مەن چۇقۇم
لەۋزىمنى ئادا
ئايىم سەن يۇلتۇزۇم ئاسمانىمدىكى
ئايىغىڭغا باش قويغاي پۈتكۈل دۇنيا
ئانا مۆھتىرەم
جېنىم ئانام تايانچىم
ئايۋانىڭدا ئۈنلەيدۇ
مىنىڭ بەخىت قالغىچىم
مەن سىنى تاغىم دىسەم
تاغلار بىشنى ئەگدى
مەن سىنى باغىم دىسەم
گۈللەر رومال چەگدى
ئانام سەن گۈلخان
ئانام بىباھا گۆھەر
ئانام سەن بولساڭ تىنىچ ئامان
قۇياش كۈلەر