作词 : Heliq
作曲 : Heliq
作词 : Heliq
作曲 : Heliq
编曲:Keramjan Mamatali
تېكىست كىرگۈزگۈچى: ئېھسان
ۋاڭيىيۈن نومۇرى: Esan
باغقا كىردىم گۈللەر ئۈزدۈم
تولدۇرۇپ بىلەكىمگە
ئىشقى ئوتىنى سالىدىڭ
كۆيدۈرۈپ يۈرەكىمگە
ئاسماندىكى ئايىمسەن
كۆڭلۈمدىكى يار
ۋەسلىڭ ئىزلەپ بۇ يۈرەك
بولدى پارە پار
قولۇڭ ئۇزات قوينۇڭغا
ئال باغرى كاۋاپنى
تەشنا يۈرەك سەندىن كۈتەر
ئوبدان جاۋاپنى
كۆيمىدى دەمسەن يار مىنى
كۈل بولۇشنىڭ ئورنى يوق
كۈيۈپ كۈل بولغان ئاشۇ يۈرەككە
سۇ سېپىشنىڭ ئورنى يوق
يار بىلەن ئىچسەم شاراپ
بىر پىيالە تولمىدى
ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ
ئەتىۋارى بولمىدى
گۈل غۇنچە چىمەن غۇنچە
گۈلزاردا تۈمەن غۇنچە
غۇنچە گۈللەر ئوخشامدۇ
بىزنىڭ يار لىۋەن شۇنچە
ئاتىسى ئۆلمىگەن كىم بار
ئانىسى ئۆلمىگەن كىم بار
ئاتا -ئانىدىن ئايرىلىپ
مۇساپىر بولمىغان كىم بار
يارسىنى پاناھ تارتىپ
ئايۋانىڭدا ياتايمۇ
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە
سىنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ
ئەي ھەسرەت چەكتىم
ھوي يارنى سېغىندىم
تېكىست كىرگۈزگۈچى: ئېھسان