作词 : Mustafa-Hamra
作曲 : Mustafa-Hamra
يالغۇز كەلدۇق، يالغۇز كېتىمىز
ئارمانلارغا ھامان يىتىمىز
~~
يالغۇزلۇققىمۇ كۆنۈپ كىتىمىز
كۆنگىنىمىزگە ئىشەنمەي كۈلۈپ كىتىمىز
~~
دوست-دۈشمەننىمۇ تونۇپ يىتىمىز
سۆيگۈ قەدرىگىمۇ ھامان يىتىمىز
~~
ھايات يوللىرى جەبىر-جاپالىق
گاھ يىغلساق گاھىدا كۈلۈپ كىتىمىز
~~
يىقىلساقمۇ مەجبۇر تۇرۇپ
قەددىمىزنى رۇسلاپ مىڭىپ كىتىمىز
~~
ئېغىر كۈنلار كەلسە باشقا
قىلچە تەۋرەنمەس بولۇپ كىتىمىز
~~
كۆرمىگەننىڭ ھەممىنى ئۆلۈپ كەتمىسەكلا
ھامان بىر كۈنى كۆرۈپ يىتىمىز
كۆرمىگەننىڭ ھەممىنى ئۆلۈپ كەتمىسەكلا
ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ يىتىمىز
كۆرۈپ يىتىمىز ، ئۆلۈپ كىتىمىز
كۆرگىنىمىزگە ئىشەنمەي كۈلۈپ كىتىمىز
كۆرۈپ يىتىمىز ، كۈلۈپ كىتىمىز
بىر كۈنلەردە تۇپراق سىڭىپ كىتىمىز