作词 : каᴅiʀ музыка
作曲 : каᴅiʀ музыка
خىيالىم
ئۇھ تارتىمەن كەلگەندە ئەلەم
چۈشەنمەيدۇ دەردىمنى ،
ھېچكىم خالىمايمەن ، ئېيتىشنىمۇ ھەم
مېنى تەنھا قويغان زادى كىم ؟
خالىمايمەن ئېيتىشنىمۇ ھەم
مېنى تەنھا قويغان زادى كىم ؟
مېنى تەنھا قالدۇرغانلارنىڭ
ئۈچۈپ كەتتىم خاتىرىسىدىن
ئەسلىمەمنى ئوقۇپ قالىمەن
بەلكىم بىر كۈن باشقا بىرسىدىن
مۇزىكا
رەنجىمەيمەن ، شۇ كۈتكەنلەردىن
ئايرىلغانغا ھېچ كىشى ئۆلمەس
كۈتكەن باشقا ، ئېرىشكەن باشقا
ئۇلار بەك بەلكىم نېسىۋەم ئەمەس
مېنى تەنھا قالدۇرغانلارنىڭ
چۈشۈپ كەتتىم خاتىرىسىدىن
ئەسلىمەمنى ئوقۇپ قالىمەن
بەلكىم بىر كۈن باشقا بىرسىدىن
ھا، ھا ھو، ھو ھۇ