作词 : KamalAbliz
作曲 : KamalAbliz
تىكىستى: كامال ئابلىز
مۇزىكىسى:مۇرات مۇسا
خوش دىيەلمەي كەتتىم يىنىڭدىن
رەنجىمىگىن گۈلۈم مەندىن
ئويلىمغىن تاشلاپ كەتتى دەپ
ئايرىلمىدى يۈرەك سەندىن
ئۆتتى كۈنلەر سىنى سېغىنىپ
پىراقىڭدا كۆيدى بۇ يۈرەك
گۈل چېھرىڭنى قايتا بىر كۆرۈش
قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل تىلەك
سۆيگۈنۈم
تەقدىر بىزدىن ئالدى كۆپ سىناق
ئارىمىزنى قىلدى يىراق
ۋاپا ئەھتىم بەردى تەسەللى
ھېچ ئۆچمىدى دىلدا ئىشتىياق
ئارلىق يىراق بولسىمۇ قانچە
سەندە دائىم كۆڭلۈمنىڭ مەيلى
ئۇنتالمايمەن سىنى ھەرگىز
مەجنۇن بولدۇم ئشقىڭدا لەيلى
سۆيگۈنۈم