作词 : arkinjan obulkasim
作曲 : dilxatanwarawamsilim
بىرىدە بىھېساپ دۇنيا ئىزىدىن ۋارىسى يوقتۇر
بىرىنىڭ سۇنغۇدەك چاينى قېشىدا جۆرىسى يوقتۇر
بىرىنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس ساراي سالقىن، تۆشەك يۇمشاق
بىرى سۈت ئۇيقۇدا ئەسنەر تېگىدە بورىسى يوقتۇر
بىرى ھال ئېيتىدۇ يازنىڭ تونۇردەك تەپتىدىن قاقشاپ
بىرى تىترەيدۇ جۇت پەسلى بۆلەك بىر نالىسى يوقتۇر
بىرىگە ئۆتمىگەي قەدرى ھاياتنىڭ باقمىغاچ ئاغرىپ
بىرىنىڭ ئارمىنى ساقلىق شىپاغا دورىسى يوقتۇر
ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئالەم مۇراد-مەخسەتكە يەتكەننى
جاھان سەيناسىنىڭ كەمسىز ياسالغان ھويلىسى يوقتۇر
ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئالەم مۇراد-مەخسەتكە يەتكەننى
جاھان سەيناسىنىڭ كەمسىز ياسالغان ھويلىسى يوقتۇر
ئەزىز بىلگىن ئېرىشكەننى كېيىن قوغلاپ يېتەلمەيسەن
ئۆمۈرنى سۈزگىلى سەندە ھاياتنىڭ چويلىسى يوقتۇر
ئۆمۈرنى سۈزگىلى سەندە ھاياتنىڭ چويلىسى يوقتۇر