作词 : Xerbag
作曲 : Nurali Awut
قىلىپ قويغان ئوخشايسەن خۇمار
مىنى تاتلىق قاراشلىرىڭگە
قىلىپ قويغان ئوخشايسەن خۇمار
مىنى تاتلىق قاراشلىرىڭگە
كۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ يۈرەك
سىنىڭ مىنى ئاياشلىرىڭگە
كۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ يۈرەك
سىنىڭ مىنى ئاياشلىرىڭگە
مۇزىكا
ئىزدەيدىغان بوپ قالدىم سىنى
جىسمىم تەنگە كىرەك بولغاندەك
بىر كۆرمىسەم چىدماس بولدۇم
بۇلبۇل گۈلگە خۇمار بولغاندەك
بىر كۆرمىسەم چىدماس بولدۇم
بۇلبۇل گۈلگە خۇمار بولغاندەك
مۇزىكا
يەلپۇپ ئۆتسە ساچىڭنى شامال
شامالدىنمۇ كۈنلىگىم كىلەر
يەلپۇپ ئۆتسە ساچىڭنى شامال
شامالدىنمۇ كۈنلىگىم كىلەر
گاھ كۈلىمەن خىيالىمدا سەن
گاھ سېغىنىپ يىغلىغۇم كىلەر
گاھ كۈلىمەن خىيالىمدا سەن
گاھ سېغىنىپ يىغلىغۇم كىلەر
مۇزىكا
قورقىيدىغان بوپ قالدىم كىچە
سەنسىز تاڭلار ئاتمايدىغاندەك
دايىم سۇقار تىنىمسىز يۈرەك
سەنسىز تەنگە پاتمايدىغاندەك
دايىم سۇقار تىنىمسىز يۈرەك
سەنسىز تەنگە پاتمايدىغاندەك
سەنسىز كۈنۈم ئۆتمەيدىغاندەك