作词 : 克卫Pro/ADR艾达尔
作曲 : 克卫Pro/ADR艾达尔
编曲 : 克卫Pro/ADR艾达尔
Mix by 2ETA
V1. Kevey
ئارزۇيۇم با شەھىرىمدە دىڭىزبولسا
ئۇتتاغىنىم ئاپتۇز ئەمەس سەن ئامراق بىنىز بولسا
كەتمەس بۇغۇيتۇك بەلكىم ئۈيەم بۇسا پۇلۇم بولسا
كىشنىڭ لايىقىدەك ئەقلىم بۇسا ئۆز ئالدىمغا يۇلۇم بولسا
ئاغرىنمايمەن سەندىن ئاغرىندىغان يۈزۈم قالمىدى
خۇشال ئۆتكۈزدىغان ھەتتا تۇغۇلغان كۈنۈممۇ قالمىدى
سەھنە بەكلام چۇڭ مەن چىقالىغىدەك يۈرەك قالمىدى
كەتمە جىنىم قايتىپكەل دىيەلىگىدەك جۈرەت قالمىدى
قەدىرىڭگە يەتكەندىنكىن مۇھاببىتىم قۇياق بۇلدى
ئايرىلىپ سەندىن جىنىم بۇ قىش بەكلا سۇغاق بۇلدى
كەچۈر ۋەتسەڭ ئۆزگىرەيمە دىدىم ساڭا بەك جىق قىتىم
يامغۇردا قەپقاممىسۇن دەپ كۈللۈكنى ئەەپ چىقىپتىم
ئەسلەيمە قۇللۇرۇڭنىڭ ئالقىنىمدا يۈرىشىنى
يامغۇرلۇق ئۈرۈمچىدە تۇڭلاپتۇرۇپ كۈلىشىنى
جىنىم تىنىمدا ئەمما جىنىم يىنىمدا يۇق
بەخىتنى نابۇت قىلىدىغان پەسكەشلىك قىنىمدا يۇق
ئىلىپ كەتتى يىنىمدىكىنى ئىىلىپ كەتتى
بىريىل ۋاقىت ئۆتتى كەۋسەر بەكلا يىرىپ كەتتى
ۋاقىت جاۋاپ بەدى خاتا دىدى تاللىشىمنى
ئۆزەڭمۇبىلمىگەنسەن قايسىمىزنى تاللىشىڭنى
مىنى چۈشىنىمە دىگەن ئادەم نەدە سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمە دىگەن ئادەم ھازىر نەدە
كىچىك تۇرۇپ ئازاپ تاتسام كىيىن بارالايمە نەگە
بۇ ناخشا ئەمەس ساڭا بەگەن ئەڭ ئاخىرقى ۋەدە
V2. AR
خەيىر ئامرىقىم بەلكىم بىر ئويۇڭبا
مەن يەنە مەغلۇب بولدۇم بۇ مۇھەببەت ئويۇندا
ئالغۇمبار قولۇمغا سەن خۇش پۇراق ئەتىرگۈل
كۆكتىكى ئاينى ئۈزۈپ تۇتقۇزغۇمبار قولۇڭغا
كۆپ ئېغىر يۈكلەر ئارزۇيۇم بار ئىدى بويۇمدا
سەن خۇددى سىم سىم يامغۇر ئارلاشقان قۇيۇنغا
كەچۈر پىرسوناش ئەمەس مەن مۇبارەك تويۇڭغا
بەخىت تىلەيمەن نۇر چىراق يار بولسۇم يولۇڭغا
تۆمۈر ئۈزۈكنىڭ ئورنىغا چوڭ ئالماس ئالمىشىپتۇ
يېڭى ئۆي يېڭى ئا ئىلە تۇرمۇشۇڭ قاملىشىپتۇ
كەچۈر شۇ ئۈزۈكنى مەن قولۇڭغا سېلىپ بېرەممىدىم
يېڭىغا ئىنتىلدۇق بىراق مەن يېڭىنى ئېلىپ بېرەممىدىم
ئارزۇيۇپ ئاددىي گۈلنى قولۇڭغا مەن تۇتسام
شۇ كۈنى ئۇدۇلۇڭدا ئۈزۈك تۇتۇپ كۈلۈپ مەن تۇرسام
بىز ئىنتىلغان تۇرمۇشنى سېنىڭ بىلەن مەن قۇرسام
باغرىمغا چىڭ بېسىپ خۇش ھىدىڭنى مەن پۇرىسام
سەن يوق كۈنۈم قىيىن كالېنداردىن ۋاراق يىتىپ
ئاسماندىن تاشلىغاندەك بولدۇم تويۇڭدىن باغاق كېلىپ
كۆزۈمدە ياش ئۇچامدا كاستىيوم چېچىمغا تاغاق سېلىپ
بۇلۇڭدا تۇرۇپ بەخىت تىلىدىم ساڭا قاراپ كۈلۈپ
ئەمدى كېچىكتۇق جېنىم سەن بىراۋنىڭ جېنى بولدۇڭ
ئۈچ يىللىق خاتىمە ھەم شۇ ۋەدىلىرىمىزدىن كەچتىڭ
يىراقلارغا كەتكۈمبا بۇدۇنيانى چەتكە تاشلاپ
بۇ قېتىم مەندەي خەيرى خوشنى جېنىم سېنىڭدىن كەچتىم
كېتىشىڭ خاتا ئەمەس باشلىشىم خاتا ئەسلى
سوغۇق قىش كەتتى باھاربىلەن كەلدى ياز پەسلى
يىللارغا جاۋاب بەردىڭ ئاشكارلاندى ئەسلى ۋەسلىڭ
بىر ئۆمۈر رازى قىلاممىدىم بولدى ئەمدى تەسلىم
ئانامدەك بىر قىزچاقنى تاپاممىدىم ئاددىي ساددا
بەزىدە سوغۇق مۇ ئامىلەڭ خۇددى ئوخشاش ياتقا
تېشىمغا چىقارمىدىم بىراق يۈرەك مۇز بوپ قاتقان
ئۇنتۇپسە شۇ سوغۇقتامەن پۇل ئۈچۈن تىرىشىپچاپقان
سەن ئۈچۈن شۇنچە ئاددىي مەجنۇنغا لەيلا بولسا
بىر ئۆمۈر ياشاپ كەتسەك ئىنتىلغىنىڭ تەييا بولسا
ئۇخلاپ قوپساق كېرەك بولغان نەسە پەيدا بولسا
تەبى ئەتنىڭ گۆھىرى بوپ دۇنيا شەيدا بولسا
ئاندىن رازىمۇ سەن ئاندىن رازىمۇ سەن مەندىن
ھاياتىمنى تەقدىم قىلسام روھنى ئايرىپ تەندىن
مەن ئاددىي مەن يوقسۇلنى ياراتمىساڭ كەمبەغەلدەپ
مەن پۇل تاپقاندا يۈز تاپقاندا ۋاپا كىلەمدۇ سەندىن
رەھمەت كەتكىنىڭگە بىلىندى ئانامنىڭ قىممىتى
ئانام سەسكىنمەيدۇ كۈچلەندۇردۇ بەرگەن ھىممىت
بىراق سەن ئاغېىنغان ئۆز ئۆزەڭنى ئېپقاچقان مەندىن
يالغۇز قالغاندا ھەمراھدۇر جان ئانامنىڭ رىغبىتى
ئەمدى باشلاندى يولۇم پەرۋازمەن ئەركىن ئۇچۇپ
مۈشكۈلاتلار ئۆتۈپ كەتتى ئازابىمنى قوشۇپ
مەيلە تاغ دەريالار كەلسۇن ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇپ
بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ دەيمەن تەمكىن تۇرۇپ
ئەمدى قايتىپ كەممە يېنىمغا سۆيگۈمىز خار بولسۇن
بەخىت تىلەيمەن شۇ يولۇڭغا ئۇتۇقلۇق يار بولسۇن
قەدىمىڭ گۈل بولسۇن كۆيدۈرۋەتتىم ئۈزۈكنى
ساڭا بولغان سېغىنىشمۇ كۆيۈپ كۈل بولسۇن
ئەمدى قايتىپ كەممە يېنىمغا سۆيگۈمىز خار بولسۇن
بەخىت تىلەيمەن شۇ يولۇڭغا ئۇتۇقلۇق يار بولسۇن
قەدىمىڭ گۈل بولسۇن كۆيدۈرۋەتتىم ئۈزۈكنى
ساڭا بولغان سېغىنىشمۇ كۆيۈپ كۈل بولسۇن