作词 : Adiljan Bakri
作曲 : Adiljan Bakri
مەستانە قەلەم قاش
قومۇل 12 مۇقامىدىن پارچە
ئاكورتلاشتۇرغۇچى قادىرجان نىياز
ئۈنۈملىگۈچى ئەزىزجان يىمىت
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
جېنىم مەشۇق خېنىم مەشۇق ئالىيەي غوجام ئالىيەي
جامالىڭنى كۆرەرمەنمۇ شېرۋاللا سەنەم يارەي
كويۇڭدا زار زار يىغلاپ ئالىيەي غوجام ئالىيەي
ئەجەل يەتمەي ئۆلەرمەنمۇ شېرۋۇللا سەنەم يارەي
مۇزىكا
مەن سېنى جۇمۇ سېنى داداڭغا ئېيتاي مەن سېنى
ئۇسقۇنىڭنى ئۇن قىلىپ تۈگمەندە تارتاي مەن سېنى
ئوڭ قولۇمدا جۇڭزام سول قولۇمدا خويۇم
يارنىڭ ئىسمى خېدىسخان يارنى كىم باقسۇنەي
مۇزىكا
ئوڭ قولۇمدا ئون ئۈزۈك سولغاي قولۇمدا جۈپ ئۈزۈك
بۇدۇنيادا بارمىكىن مېنىڭ يارىمدەك سۈپسۈزۈك
ئوڭ قولۇمدا جۇڭزام سول قولۇمدا خويۇم
يارنىڭ ئىسمى خېدىسخان يارنى كىم باقسۇنەي