مەن ئاسمانغا قارايمەن
ئاسمان نىمانچە گۈزەل
ئوخشىمىغان بۇلۇتلار
ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەكدە
سۈزۈك ئاسماننى بەزىدە
قار بۇلۇتلار قاپلىماقدا
توساقدىن ئۆزگىرىپ يەنە
ھەسەن-ھۈسەن چىقماقدا
مەن ئاسمانغا قارايمەن
ئاسمان نىمانچە گۈزەل
قاراڭغۇدا يۇلتۇزلار
ئىمىر-چىمىر چاقنىماقدا
بەزى يۇلتۇزلار كۆچۈپ
قالغانلىرى جىم تۇرماقدا
كۆزۈمدىكى ياشلىرىم
يامغۇر ئارلاش تامچىماقدا
مەن قۇياشغا قارسام
ئاپتاپ يىشىمنى قۇرۇتماقدا
گۈزەل چاغلىرىمنى ئەسلەپ
مەن خىيالغا پاتماقدا
مەن شۇ كىچىك تۆشۈكدىن
كەڭرى ئاسمانغا باقماقدا
مەن ئاسمانغا قارايمەن
ئاسمان نىمانچە گۈزەل
ئەگەر چىقسام بۇ قەپەسدىن
تۇپراقنى سۆيگۈم بار
قىلغان گۇناھلىرىمنى
يەر ئاستىغا كۈمگۈم بار
كەڭرى ئاسماننى كۆرگۈم بار
كەڭرى ئاسماننى كۆرگۈم بار
كەڭرى ئاسماننى كۆرگۈم بار
مەن ئاسمانغا قارايمەن
ئاسمان نىمانچە گۈزەل
ئەگەر چىقسام بۇ قەپەسدىن
تۇپراقنى سۆيگۈم بار
قىلغان گۇناھلىرىمنى
يەر ئاستىغا كۈمگۈم بار
كەڭرى ئاسماننى كۆرگۈم بار
كەڭرى ئاسماننى كۆرگۈم بار
كەڭرى ئاسماننى كۆرگۈم بار
مەن ئاسمانغا قارايمەن
ئاسمان نىمانچە گۈزەل
كەڭرى ئاسمانغا قارايمەن
ئاسمان نىمانچە گۈزەل