سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ .
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ .
سېنى دەيمۇ سېنى دەيمۇ .
سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ .
سېنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسەم .
مۇرادىمغا يېتەرمەنمۇ .
سېنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسەم .
مۇرادىمغا يېتەرمەنمۇ .
ئاقتۇر بىلىكىم ، ئاقتۇر .
ياردىن تەلىيىم يوقتۇر .
ئاقتۇر بىلىكىم ، ئاقتۇر .
ياردىن تەلىيىم يوقتۇر .
ياردىن تەلىيىم بولسا .
ئۆلسەم ئارمىنىم يوقتۇر
ياردىن تەلىيىم بولسا .
ئۆلسەم ئارمىنىم يوقتۇر
كۆزۈڭ دەيمۇ قېشىڭ دەيمۇ .
سىياھقىڭ قىلدى ھەيرانە .
كۆزۈڭ دەيمۇ قېشىڭ دەيمۇ .
سىياھقىڭ قىلدى ھەيرانە .
جاھاننى ئىزدىسەم يوقتۇر
سېنىڭدەك لالە رەيھانى .
جاھاننى ئىزدىسەم يوقتۇر
سېنىڭدەك لالە رەيھانى .
سېنىڭدەك لالە رەيھانى .