作词 : muhemmetjan rashidin
作曲 : Abdugini Ablikim
编曲 : arkin ablak
سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ؟
سېنى كۆرمەي كۆڭۈل ئۇنامدۇ؟
ئايدا-يىلدا بىر كېلىپ كەتسەڭ، كېلىپ كەتسەڭ
بۇ دىدارغا يۈرەك قانامدۇ؟
ئايدا-يىلدا بىر كېلىپ كەتسەڭ، كېلىپ كەتسەڭ
بۇ دىدارغا يۈرەك قانامدۇ؟
مۇزىكا
سەن كەلمىدىڭ، قارلىغاچ كەلدى
خۇددى سەندەك سايرىغاچ كەلدى
كۆزلەرىمگە شۇڭا ياش كەلدى، ياش كەلدى
كۆڭلۈك ياكى مەندىن چانامدۇ؟
كۆزلەرىمگە شۇڭا ياش كەلدى، ياش كەلدى
كۆڭلۈك ياكى مەندىن چانامدۇ؟
مۇزىكا
بىلمىدىڭمۇ سېغىنغىنىمنى؟
ئۇقمىدىڭمۇ يىغلىغىنىمنى؟
بىلمىدىڭمۇ سېغىنغىنىمنى؟
ئۇقمىدىڭمۇ يىغلىغىنىمنى؟
سەن ئالامسەن مېنىڭ جېنىمنى؟ جېنىمنى؟
تەندە بۇ جان دائىم تۇرامدۇ؟
سەن ئالامسەن مېنىڭ جېنىمنى؟ جېنىمنى؟
تەندە بۇ جان دائىم تۇرامدۇ؟
تەندە بۇ جان دائىم تۇرامدۇ؟