作词 : Haliq
作曲 : Haliq
编曲 : 无
كۆيدۈرىۋەتتى
سۆزى، مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
مەن نەگە باراي نەلەرگە باراي
ئىككى مەشۇق بىر بولۇپ يارىما
خوتەن شەھرىگە باراي
يارىم ئۆتتى يانىمدىن يارىما
كۆيدۈرىۋەتتى جانىمدىن يارىما
كۆيدۈرىۋەتتى جانىمدىن
جانىمدىن، جانىمدىن
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق يارىما
جاندىن ئەزىز يارىمدىن
يارىمدىن، يارىمدىن
مەن نەگە باراي نەلەرگە باراي
ئىككى مەشۇق بىر بولۇپ يارىما
قەشقەر شەھرىگە باراي
ئۆستەڭنىڭ تېگى لايدۇر يارىما
دەسسىسەم لىغىللايدۇ يارىما
دەسسىسەم لىغىللايدۇ
لىغىللايدۇ، لىغىللايدۇ,
يۈرۈكۈم جىغىلدايدۇ يارىما
يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ
ئوخشايدۇ، ئوخشايدۇ,
مەن نەگە باراي نەلەرگە باراي
ئىككى مەشۇق بىر بولۇپ يارىما
ئاقسۇ شەھرىگە باراي
باغىم با يۇ، باغىم با، يارىما
باغىمدا ئانارىم بار يارىما
باغىمدا ئانارىم بار
ئۆزگىلەرگە رايىم يوق يارىما
سەندىن باشقا يارىم يوق
يارىم يوق، يارىم يوق
مەن نەگە باراي نەلەرگە باراي
ئىككى مەشۇق بىر بولۇپ يارىما
خوتەن شەھرىگە باراي
باققا كىردىم شوراڭدىن
تۆتنى ئالدىم غوراڭدىن
باققا كىردىم شوراڭدىن
تۆتنى ئالدىم غوراڭدىن
ئانىسى يامان خوتۇن
ئايرىۋەتتى جورامدىن
ئىلاجىم يوق، پانايىم يوق
سەندىن باشقا يارىم يوق
يارىم ئۆتتى يانىمدىن
كۆيدۈرىۋەتتى جانىمدىن
يارىم ئۆتتى يانىمدىن
كۆيدۈرىۋەتتى جانىمدىن
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق
جاندىن ئەزىز يارىمدىن
ئىلاجىم يوق، پاناھىم يوق
سىنىڭدىن باشقا يارىم يوق