作词 : MaMatimin Atawulla
作曲 : 无
چارچىدىم ھايات
مەن چارچىدىم ھايات، بۇنچە خار ئەتمە
يۇرەكنى قىيناپ،مىڭ پارە ئەتمە.
كۆڭلۇمدىن قەلبىمدىن سۆيۇپ ئۆتەرمەن.
بىۋاپا سۆيگۇڭگە بۇنچە زار ئەتمە.
بەك چارچىدىم ھايات، ساختا سۆزىڭگە،
سالغۇم يوق پەقەت دوسلار يۇزىگە.
كۆزۇمدىن،چىھرىمدىن چۇشەن سىرىمنى.
كۆرسەتمە ھالىمنى نامەرىت كۆزىگە.
مەن چارچىدىم ھايات، كۆزۇم ياش ئەتمە.
ئىشقى سەۋدادا جانىم ئەپ كەتمە.
كۇلەرمەن بىر كۇن، ئىشەنچلىرىم يار.
جانان ۋەسلىگە يەتكەن كۇنلەردە !