作词 : Akbar Kahriman
作曲 : Akbar Kahriman
گۈل ئىشقىدا
سۆزى مۇزىكىسى: ئەكبەر قەھرىمان
باغلارنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ
چىرايلىق ئېچىلغان بىر گۈلنى كۆردۈم
باغلارنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ
چىرايلىق ئېچىلغان بىر گۈلنى كۆردۈم
خۇشپۇراق ھىدىدىن مەس بولۈپ شۇدەم
مەس بولۈپ شۇدەم
بۇلبۇلنىڭ كۆزىدە گۈلگە مەن كۆيدۈم
بۇلبۇلنىڭ كۆزىدە گۈلگە مەن كۆيدۈم
间奏
پورەكلەپ ئېچىلسا باغدا ئاشۇ گۈل
كۆڭلۈممۇ گۈل بىلەن ئېچىلار ئىدى
رەڭمۇ رەڭ چىمەنلەر سەيلە قىلساممۇ
سەيلە قىلساممۇ
پەقەتلا شۇ گۈلگە مەيلىم بار ئىدى
پەقەتلا شۇ گۈلگە مەيلىم بار ئىدى
باغلارنىڭ ئىچىدە چېلىپ سازىمنى
بۇلبۇلدەك سايرىدىم مەجنۇن ئۈنىدە
باغلارنىڭ ئىچىدە چېلىپ سازىمنى
بۇلبۇلدەك سايرىدىم مەجنۇن ئۈنىدە
بىر كۈنى دۇنيادىن كېتەلەر بولسام
كېتەلەر بولسام
قويۇڭلار ئەل مېنى شۇگۈل تۈۋىگە
قويۇڭلار ئەل مېنى شۇگۈل تۈۋىگە
قويۇڭلار ئەل مېنى شۇگۈل تۈۋىگە