作词 : Abduhelil Abdukerim
作曲 : Ablikim Ablet
编曲 : 无
سىزنى سېغىنسام
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
بىر قاراشتا يۈرەكنى ئېلىپ كەتتىڭىز
بارچە قايغۇ-ئەلەمنى سېلىپ كەتتىڭىز
بەلكىم يەنە بۇھالىمنى بىلىپ يەتتىڭىز
چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام
بەلكىم يەنە بۇھالىمنى بىلىپ يەتتىڭىز
چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام
ھىدىڭىزنى چىمەنلەر قاچۇردى مەندىن
دەستە بىرىپ مەن ئۈچۈن قايغۇ ئەلەمدىن
سەۋدالىقىم ئازارى ئۆتكەندە جاندىن
گويا قايناق بۇلاقمەن سىزنى سېغىنسام
سەۋدالىقىم ئازارى ئۆتكەندە جاندىن
گويا قايناق بۇلاقمەن سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
گويا قايناق بۇلاقمەن سىزنى سېغىنسام
خۇشاللىقى دۇنيانىڭ سىز بىلەن كەتتى
ئەركە يۈرەك ئاھۇدەك كۆز بىلەن كەتتى
بىچارىمەن دەرتلىرىم ساماغا يەتتى
يېنىپ ئۆچمەس چىراق مەن سىزنى سېغىنسام
بىچارىمەن دەرتلىرىم ساماغا يەتتى
يېنىپ ئۆچمەس چىراق مەن سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
يېنىپ ئۆچمەس چىراقمەن سىزنى سېغنسام
چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
سىزنى سېغىنسام
翻译:Mahmutjan