دىلرابايىم كۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
بال ھەسەلدەك سۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
شىرىنلىكنى يۈرەگىمگە سېلىپ كەتكەن
شۇ جىلۋىگەر يۈزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
شىرىنلىكنى يۈرەگىمگە سېلىپ كەتكەن
شۇ جىلۋىگەر يۈزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
ۋەيرانىمەن سىنى كۈندە كۆرەلمەستىن
چاچلىرىڭغا، يۈزلىرىڭگە سۆيەلمەستىن
تولغىنىمەن نە قىلارىم بىلەلمەستىن
گۈلزىبايىم بويلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
تولغىنىمەن نە قىلارىم بىلەلمەستىن
گۈلزىبايىم بويلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
ئۈزۈلمەيدۇ دىل رىشتىسى مۇھەببەتنىڭ
شەيدايىمەن كۈيلىرىگە ساداقەتنىڭ
پىداكارمەن يوللىرىدا مۇھەببەتنىڭ
بىرگە يۈرگەن شۇ دەملەرنى ئۇنتالمىدىم
پىداكارمەن يوللىرىدا مۇھەببەتنىڭ
بىرگە يۈرگەن شۇ دەملەرنى ئۇنتالمىدىم
پىداكارمەن يوللىرىدا مۇھەببەتنىڭ
بىرگە يۈرگەن شۇ دەملەرنى ئۇنتالمىدىم
بىرگە يۈرگەن شۇ دەملەرنى ئۇنتالمىدىم