作词 : Nur-Shah
作曲 : Nur-Shah
编曲 : Nur-Shah
歌名:Dostumga
作词:Nur-Shah
作曲:Nur-Shah
编曲:Nur-Shah
تۈلكىلەر كۆنۈكتۇر يالغان كۈلۈشكە،
ئالتۇننى ئوخشاتما ئەسلا كۈمۈشكە.
ياماندىن ياخشىلىق كۈتكىنىڭ بىكار،
قازاندا نىمە بولسا چىقار چۈمۈشكە.
خىيانەت ئىچىدە قەسلەيدۇ كىملەر !
مېھىرلەر ئىچىدە ئەسلەيدۇ كىملەر !
تەغدىرىم ئۈستىدە بۇزۇلسا كۆڭلۈم !
يىغلىما دوستۇم دەپ ئىزدەيدۇكىملەر
نەپسىڭگە ئالدىنىپ يۈزۈڭنى تۆكمە !
دۈشمەنگە ئالدىنىپ تىزىڭنى پۈكمە !
خۇشاللىق خاپىلىق قوشماق ئالەمدە !
ئۈمىتۋار بول ھەسرەتكە چۆكمە…
تىيىز سۇلار شارقىرارمىش چۇڭقۇرلىرى ئۈنسىزدۇر
يەڭگىل ئازاپ ۋارقىرارمىش ئىغىرلىرى تىلسىزدۇر
چىن دوسلۇقنى پۇلغا ساتقان كۆپۈنچسى يۈزسىزدۇر
مەنزىلىمۇ قۇياش نۇرىدا قاپقاراڭغۇ نۇرسىزدۇر
ياغسىمۇ بىر مەھەل گۈل بېغىمدا قار،
شۇ قىشنىڭ ئەتىسى بەرىبىر باھار…
سەممىيەت مۇھەببەت چوغ كەبى يانار
ۋاپاسىز يارەنلەر ۋەدىسدىن تانار
ﻛۈﻟﻜﻪ– ﺩۈﺷﻤﻪﻧﮕﻪ تۇسقۇنسز ﺯﻩﺭﺑﻪ
كۈلىكە ﺩﻭﺳتقا تەسەللى ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ
كۈلىكە ﺋﺎﺯﺍﭘﻘﺎ ھەقسىز ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ
كۈلكە مۇھەببەتكە ئۇنتۇلماس دەقىقە
دوستلۇق- مۇھەببەت يارىسىغا مەلھەم
دوستلۇق- قىرىنداش دەردىگە تەسەللىي
دوستلۇق- بىر ناننى تەڭ بۆلشۈپ تەڭ يىيىش
دوستلۇق- ئىناقلىق گۈللىرىنى بىرىگە تىرىش
ھايات بىر سەھنە، ئادەملەر ئارتىس
بەزىلەر يىغلايدۇ بەزىلەر قالتىىس
داۋانىڭنى تۈگەتسەم دۆڭلىرىڭ تەييار …
ئارزۇيۇمنى تۈگەتسەم ئارمانىم تەييار…
دوستۇڭغا ئايماستىن جىنىڭنى پىدا قىل .
دوست بىلەن دۈشمەننى ئوبدان پەرىق قىل
تۈگەرىكەن غىملەرىمۇ ھامان شۇ كۈنى
ھەم تۈگەيمىزبىزمۇ شۇ غەم تۈگكەن كۈنى