作词 : Musa Exet
作曲 : Memtimin Osman
كۈت
قايتمايدىغان يوللارنى كۈتمە
قايتىدىغان قەدەملەرنى كۈت
قايتمايدىغان چۈشلەرنى كۈتمە
قايتىدىغان كېچىلەرنى كۈت
قايتمايدىغان قۇشلارنى كۈتمە
قايتىدىغان ئورمانلارنى كۈت
قايتمايدىغان باغلارنى كۈتمە
قايتىدىغان غۇنچىلارنى كۈت
قايتمايدىغان سەپەرنى كۈتمە
قايتىدىغان كارۋانلارنى كۈت
تاغ ئايلىنار تاغدىن كەتكەنلەر
گۈلنى ئېلىپ باغدىن كەتكەنلەر
ناخشا ئېيتار دۇتار قۇچاقلاپ
ئاينى ئېلىپ داغدىن كەتكەنلەر