作词 : 无
作曲 : 无
پاشاخان
قومۇل 12 مۇقامىدىن پارچە رەتلىگۈچى ئەركىن كېرەم
تەرجىمان:ئەزھەرجان مەھمۇد
چالغۇلاشتۇرغۇچى:ئابدۇراھمان ئىمىن
ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا
پاشاخانلار سۇ كەچتى پەتەنگىسىنى يەشتى ،
بۇنى كۆرگەن ياش باللار شېرىن جانىدىن كەچتى ،
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان ،
ۋەدىسى يالغان قارا كۆز ئايىمخان.
مۇزىكا
سىرلىق ساندۇق سىرلايمىز يىلىم بىلەن ھىملايمىز ،
ئالدىرىمىسلا پاشاخان ئەتە ئۆيگە چىللايمىز .
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان ،
ۋەدىسى يالغان قارا كۆز ئايىمخان.
پاشاخاننىڭ ئۆيى نەدە سايباغدىكى لەڭگەردە ،
چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىز يەكشەنبە سەھەرلەردە .
ئەي پاشاخان..... ئەي پاشاخان.....
چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىز يەكشەنبە سەھەرلەردە .
مۇزىكا
پاشاخاننى ئېلىۋاسام يۈرۈگۈمگە تېڭىۋالسام ،
ئۆلۈپ كەتسەم ئارمان يوق مۇرادىمغا يىتىۋالسام .
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان ،
ۋەدىسى يالغان قارا كۆز ئايىمخان.
پاشاخاننىڭ ئۆيى نەدە سايباغدىكى لەڭگەردە ،
چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىز يەكشەنبە سەھەرلەردە .
ئەي پاشاخان..... ئەي پاشاخان.....
چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىز يەكشەنبە سەھەرلەردە .
ئەي پاشاخان.....