作词 : 吐尔洪江·伊斯拉姆
作曲 : 阿不力克木·阿不来提
编曲 : Keramjan MamatEli
زىمىستاندۇر ھەر بىر باھارىم
چىن سۆيگۈمنى يارىم بىلمىسە
تەشۋىش بىلەن ئۆتەر ھەر كۈنۈم
شۇ يارىمدىن خەۋەر كەلمىسە
تەشۋىش بىلەن ئۆتەر ھەر كۈنۈم
يارىم سەندىن خەۋەر كەلمىسە
∰
ئۇيقۇ كەلمەس ئايدىڭ كېچىدە
يۈرەك لەختە ھىجران ئىلكىدە
يىغلار دىلىم ئۈنسىز ھەسرەتتە
يارىم سەندىن خەۋەر كەلمىسە
يىغلار دىلىم ئۈنسىز ھەسرەتتە
شۇ يارىمدىن خەۋەر كەلمىسە
∰
بۇلبۇللارمۇ قونماس بېغىمغا
سېنىڭ خوشبۇي ھېدىڭ كەلمىسە
بۇلبۇللارمۇ قونماس بېغىمغا
سېنىڭ خوشبۇي ھېدىڭ كەلمىسە
ياغار غەملەر مېنىڭ بېشىمغا
يارىم سەندىن خەۋەر كەلمىسە
ياغار غەملەر مېنىڭ بېشىمغا
يارىم سەندىن خەۋەر كەلمىسە
يارىم سەندىن خەۋەر كەلمىسە