作词 : Halip Riyim
作曲 : Halip Riyim
编曲 : Halip Riyim
جان تەسەددۇق ئەيلەي يۇرتۇم ئوغۇل قىزلىرى
نۇرغا تولسۇن بۇ ماكاننىڭ ھۆسنى جامالى.
بولايلى بىز سىرداش يەنە دىلداش سەپەرداش،
ياشنايمىز مەڭگۈ ئاڭلاڭ ئەي ئاداش .
ئۆرلەيلى دوسلار چاقنايلى دوسلار،
گۈزەلدۇر دۇنيا ياشنايلى دوسلار
ئۆرلەيلى دوسلار چاقنايلى دوسلار،
ھايات گۈزەل غەنىيمەت سۆيەيلى دوسلار .
دىلدار تۇتاش مىھرىمىز ھەم رىشتىمىز تۇتاش،
بەزمە مەشرەپ راسلىدۇق بىز دوس يار قېرىنداش.
بولساق ئۇيۇلتاش، يەنە سىرداش سەپەرداش،
مىھرى شەپقەت مۇھەببەت ئالەمگە تەڭداش.
ئۆرلەيلى دوسلار چاقنايلى دوسلار،
گۈزەلدۇر دۇنيا ياشنايلى دوسلار .
ئۆرلەيلى دوسلار چاقنايلى دوسلار،
مىھرى شەپقەت مۇھەببەت بىرەيلى دوسلار