作词 : Shahimerdan麦尔丹
سەنسىز باھار
دەرىزەمنى چەككەندە شامال ،
باھار ئەھۋال سورىدى مەندىن .
باھار كەلگەن بولسىمۇ ،
يارىم يەنە خەۋەر يوق سەندىن .
جۈپ جۈپ قۇشلار ئۇرىدۇ خەندان ،
يۈرىگىمدە ئۆچمەيدۇ گۈلخان .
ھەر قېتىم سېغىنغاندا ،
باھار ئىزدەيمەن ھەريان .
سېنى ئەسلەپ سېغىنغان چاغدا ،
سەن يۈرىيسەن قايسى پىنھاندا .
بىر سەن ئۈچۈن ئۆرتەندى يۈرەك ،
مەن ساقلايمەن يەنىلا تەنھا .
ئاشىق يۈرەك بولدى لەختە ،
كۆزۈم يولۇڭدا دىلىم خەستە .
ئەگەر كەلسەڭ باھار بىلەن تەڭ ،
باھارمۇ بىزگە ھەۋەستە .
دەرىزەمنى چەككەندە شامال ،
باھار ئەھۋال سورىدى مەندىن .
باھار كەلگەن بولسىمۇ ،
يارىم يەنە خەۋەر يوق سەندىن .
جۈپ جۈپ قۇشلار ئۇرىدۇ خەندان ،
يۈرىگىمدە ئۆچمەيدۇ گۈلخان .
ھەر قېتىم سېغىنغاندا ،
باھار ئىزدەيمەن ھەريان .
سېنى ئەسلەپ سېغىنغان چاغدا ،
سەن يۈرىيسەن قايسى پىنھاندا .
بىر سەن ئۈچۈن ئۆرتەندى يۈرەك ،
مەن ساقلايمەن يەنىلا تەنھا .
ئاشىق يۈرەك بولدى لەختە ،
كۆزۈم يولۇڭدا دىلىم خەستە .
ئەگەر كەلسەڭ باھار بىلەن تەڭ ،
باھارمۇ بىزگە ھەۋەستە .
قايتىپ كەلمەس تۇنجى مۇھەببەت ،
يۈرەكتە ئەسلىمە پەقەت .
ئاشۇ تەنھا جىمجىت كېچىدە ،
مەن يەنىلا ھەسرەت ئىچىدە .