ئاسماندىكى چولپاندەك يارەي
شولا بەرمىگەن يارىم
ئاسماندىكى چولپاندەك يارەي
شولا بەرمىگەن يارىم
ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئالتۇن جانەي
كۆڭۈل بەرمىگەن يارىم
ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئالتۇن جانەي
كۆڭۈل بەرمىگەن يارىم
ئالما بەرمىگەن يارنى يارەي
ئالما بەردى دەرمەنمۇ
ئالما بەرمىگەن يارنى يارەي
ئالما بەردى دەرمەنمۇ
كۆڭۈل بەرمىگەن يارنىڭ ئالتۇن جانەي
ئوتىدا كۈيەرمەنمۇ
كۆڭۈل بەرمىگەن يارنىڭ ئالتۇن جانەي
ئوتىدا كۈيەرمەنمۇ
ئايۋانىڭدا مەن ياتىپ يارەي
سارايىڭنى بىلمەيمەن
ئايۋانىڭدا مەن ياتىپ يارەي
سارايىڭنى بىلمەيمەن
قاچان كېلىسەن يارىم ئالتۇن جانەي
قارايىڭنى بىلمەيمەن
قاچان كېلىسەن يارىم ئالتۇن جانەي
قارايىڭنى بىلمەيمەن
قۇشلىماڭ بىلەكىمنى ئالتۇن جانەي
كۆيدۈرمەڭ يۈرەكىمنى
قۇشلىماڭ بىلەكىمنى ئالتۇن جانەي
كۆيدۈرمەڭ يۈرەكىمنى
كۆيدۈرمەڭ يۈرەكىمنى