作曲 : Hoji Matkurban
编曲 : Kasim Yasin
قىزنىڭ كۆزى قارادۇر
مىنىڭ دىلىم يارادۇر
باشقىلارغا خەندانە
ماڭا نە بىناۋادۇر
باشقىلارغا خەندانە
ماڭا نە بىناۋادۇر
ئاينى كۆرسەم يۈزىدىن
توستى ھىجرانى نىتەي
يات قىلىپ سۆيگۈسىدىن
يۈتتى ئىمكانى نىتەي
ئاينى كۆرسەم يۈزىدىن
توستى ھىجرانى نىتەي
يات قىلىپ سۆيگۈسىدىن
يۈتتى ئىمكانى نىتەي
ئەي........................
يۈتتى ئىمكانى نىتەي
يات قىلىپ سۆيگۈسىدىن
يۈتتى ئىمكانى نىتەي
...
كىرپىكى ئوق يۈرەككە
جان ھەلەك پىراقىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
...
مەيلى قىلسۇن شەرمىسار
ئىشقىنىڭ خۇشتارىمەن
قىلغۇچە يار ئېتىبار
دەردىگە پەرۋانىمەن
مەيلى قىلسۇن شەرمىسار
ئىشقىنىڭ خۇشتارىمەن
قىلغۇچە يار ئېتىبار
دەردىگە پەرۋانىمەن
ئەي........................
دەردىگە پەرۋانىمەن
قىلغۇچە يار ئېتىبار
دەردىگە پەرۋانىمەن
...
كىرپىكى ئوق يۈرەككە
جان ھەلەك پىراقىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
ئەي........................
بۇ ئىشىق بازارىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
مەندەك تەلۋە ئاشىق يوق
بۇ ئىشىق بازارىدا
بۇ ئىشىق بازارىدا