作词 : eMraN-0120
作曲 : eMraN-0120
编曲 : eMraN-0120
يەنە يازدىم ئاشۇ ناخشامنى
كۈيلەپ گۈزەل ئايدىڭ ئاخشامنى
سېغىنىمەن ئوماق يايرىمنى
چىدىمايمەن سەنسىز ياشاشقا
سەنسىز كۈنلەر ئازابلار مېنى
سەۋەبسىزلا يەنە تاشلاشنى
بىرگە كۆڭۈللەرنى بېرىشكەن
بەختىم سەن دەپ تويماي دېيىشكەن
ئايرىلماسلىققا ۋەدە بېرىشكەن
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا
سەن يوق كۈنلەر ئازابلار مېنى
ھەر ۋاقىت ھەر مىنۇت سېغىندىم سېنى
چىن مۇھەببەت ئوتىدا يانسۇن
سۈيۈشلىرىڭ دىلىمدا قالسۇن
ۋاز كېچىشلەر ئەمدى بولمىسۇن
سەنلا بولساڭ خۇشال بۇ كۈنۈم
ساڭا تەۋە يۈرۈكۈم جېنىم
پەقەت سەنلا ئارزۇ ئارمىنىم
ئەمدى ئايرىلمايلى بولامدۇ
ئازاب كۈنلەر قالسا بولارمۇ
بىزگە بەختلىك نېسىپ بولارمۇ
لەيلى بىلەن مەجنۇنى قېنى
تاھىرنىڭ ھەم زۆھرەسى قېنى
مەنمۇ ھەم سۈيىمەن سېنى
مۇھەببەتنىڭ تەقدىر قىسمىتى
كۈتۈشنىڭ ھەم يامان ھەسرىتى
چىن مۇھەببەتنىڭ بولماس سىنىقى
ھاياتىمدا بىر سەنلا مېنىڭ
سەن بولمىساڭ ئاقار ياش قېنىم
چىدىمايدۇ سەنسىز بۇ جېنىم
چىن مۇھەببەت ئۇتىدا يانسۇن
سۈيۈشلىرىڭ دىلىمدا قالسۇن
ۋاز كېچىشلەر ئەمدى بولمىسۇن
سەنلا بولساڭ خۇشال بۇ كۈنۈم
ساڭا تەۋە يۈرۈكۈم جېنىم
پەقەت سەنلا ئارزۇ ئارمىنىم
ئەمدى ئايرىلمايلى بولامدۇ
ئازاب كۈنلەر قىلسا بولارمۇ
بىزگە بەختلىك نېسىپ بولارمۇ
لەيلى بىلەن مەجنۇنىنى قېنى
تاھىرنىڭ ھەم زۆھرەسى قېنى
مەنمۇ ھەم سۈيىمەن سېنى