作词 : Musbat
作曲 : Musbat
تەخەللۇسۇم مۇسبەت
كىيىنىشىم مۇزدەك .
رەپ ساھەسىگە كىرىپ كەلدىم ھەقىقەتنى ئىزدەپ .
تىرىشقانغا رۇسبەك كۆرەلمىسە ، دسبەك .
قاراپ باققىن رېئال تېكىستنى يازالامسەن بىزدەك .
قولۇمدا قەلەم ، ئېغىزىمدا قاپىيە ، چىقىدۇ بىزدىن ئۇيغۇرچە رەپ
تېكىست يېزىپ پۈتتۈرۈپ قويدۇم ئېيتىمە ۋاقتى كەلسە ئالدىڭغا كەپ.
تېرىشقىنىمنى ھېچكىم كۆرمىگەچ بەزىبىر پىت پەسلە دەيدۇ ، بۇ كىم ئەمدى دەپ .
ئارزۇيۇم ئۈچۈنلا تىرىشىۋاتىمەن يولۇمنى توسما كەينىمگە يانمايمەن پەقەت
قىلغان ئىشىڭ خاتا بولغاچ ، كەلمەيدۇ ساڭىمۇ نەپ .
نىشانىڭ بولمىسا تىرىشقىنىڭ ، بىكا ئاستا كەينىڭگە يېنىپ كەت .
ئالدىمغىلا ماڭىمە كەينىمىزگە يېنىپ باقمىغان بىز .
توردا پونى ئاتقان بىلەن كۆرۈشكەندە دېيىشىپ قالىمىز سىز .
ھەر ۋاقىت ئاتقان ئوقتەك تەييار تۇرىمىز ، سۈرەت بەك تېز .
يېڭى ئۈنگەن بىخمەن تەلپۈنۈپ قۇياش تامان.
ئۇيغۇرچە رەپكە تۆھپە قوشىمەن ، جان بولسا تەندە ئامان .
كۆرەش قىلدىم ئارزۇ ئۈچۈن يېتىمەن شۇ ئارزۇغىمۇ ھامان .
رەپ ساھەسىدىكى دوسلىرىم قىلاي سىلەرگە كۆڭلۈم بايان .
ئالتۇن گەر كۆمۈلسىمۇ مىڭ يىل ، باسمايدۇ دات.
رەپ ساھەسىدە چاقنايمەن ، قۇياش كەبى پات .
قىلمايمە ھېچكىمگە يامانلىق قەلبىم سۈزۈك سۇدەك ساپ .
تىرىشقانلارنى كەينىگە تارتماي ، سەنمۇ ئۆز يولۇڭنى تاپ .
ھەقىقەتنى سۆزلىيەلمىسەڭ چالىدۇ ، شەيتانمۇ داپ .
ئۇيغۇر رەپ دېگەن بىر قۇياش ھەممىگە تەڭ نۇرىنى چاچقان .
رەپكە ھاقارەت قىلغانلار كوچىدىكى ئوغرى چاشقان.
ئۇيغۇرچە رەپ بىر كىتاب ھەممىسى ئۇنىڭدىن بىلىمى ئالغان .
ئۇ شۇنداقلا بىر دەستە گۈل پۇرىقى جاھانغا تارقالغان .
يېزىۋاتىمەن ئېيتىۋاتىمەن چىقىدۇ مەندىن يېڭى ئەسەر .
ئۈنگە ئېلىش ئىشخانام يەر ئاستى مەخپىي قەسىر .
ئۇيغۇر رەپلىرى ئۆچمەيدۇ ئۆتسىمۇ مىڭ يىل ئەسىر .
ئۇيغۇر رەپكە نەزەر تاشلار قىلىدۇ ، ئۇ يۈرەككە تەسىر .