ساڭا ئاشىق يۈرۈگۈمنى داغدا قالدۇرۇپ
ئۆزلۈگىدىن كۆيمىگەنگە ئۆزۈڭ يالۋۇرۇپ
يۈرۈگۈڭنى مەن ئاشىقتىن مەجبۇر تاندۇرۇپ
سوراپ باقاي چىدالمىدىم سەن يار چىدامسەن
تاپقان يارىڭ دىلدىن سۆيماي ئازارلار بەرسە
مىنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ئىسىڭگە كەلسە
يۈرۈگۈڭنى سېغىنىش ئەزسە
سوراپ باقاي چىدالمىدىم سەن يار چىدامسەن
بايلىق بەخىت ئەمەس يايرىم بۇنى بىلەمسەن
بەلكى پۇلدار بايۋەتچىدىن بەخىت كۈتەمسەن
قەدرىم ئۆتۈپ سېغىنغاندا قايتىپ كىلەمسەن
سوراپ باقاي چىدالمىدىم سەن يار چىدامسەن