作词 : Muhammatjan Rashidin
作曲 : Sanubar Tursun
خېتىڭ كەلدى ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ
توستى كىملەر سېنىڭ يولۇڭنى
خېتىڭ كەلدى ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ
توستى كىملەر سېنىڭ يولۇڭنى
دۈشمەن تۇتسا قانداق چىدايمەن
مەن تۇتقۇچە سېنىڭ قولۇڭنى
دۈشمەن تۇتسا قانداق چىدايمەن
مەن تۇتقۇچە سېنىڭ قولۇڭنى
خېتىڭ كەلدى ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ
قونۇپ قالدىڭ قايسى ئۆتەڭدە
قونۇپ قالدىڭ قايسى ئۆتەڭدە
يىغلىمامدىم باغلاردا يالغۇز
سەن كەلمىسەڭ باھار كەلگەندە
يىغلىمامدىم باغلاردا يالغۇز
سەن كەلمىسەڭ باھار كەلگەندە
خېتىڭ كەلدى ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ
يوللىرىڭدا دەريا بارمىدى
خېتىڭ كەلدى ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ
يوللىرىڭدا دەريا بارمىدى
ياكى شۇنداق تەقدىر ئەزەلدە
ئاشىقلارنىڭ يولى تارمىدى
ياكى شۇنداق تەقدىر ئەزەلدە
ئاشىقلارنىڭ يولى تارمىدى
ئاشىقلارنىڭ يولى تارمىدى