作词 : 无
作曲 : AFT-ARFAT
سەن جاھاننىڭ ئەركىسى سەن،نەۋقىران يىگىت
سەن جۈرەتلىك،شاھ بېتىدە نۇسىران يىگىت
زېمەڭگە ھەم يۈكلەنسىمۇ تاغدەك ئېغىر يۈك
سەن ئېگىلمەس بەيگىسىدە جەسۇران يىگىت
سەن ھاياتنىڭ بەركىتى سەن، دىل تۇمارىم قىز
سەن مېھىرلەر ئەلچىسى سەن،مېھرىبانىم قىز
سەن گويا بىر دېڭىز كەبى ئىللىق باغرىمدا
مېھر بېرىپ پەرۋىش ئەتكەن باسىبانىم قىز
ئادەم ئاتا دولقۇنلىرى بار قېنىمىزدا
ھاۋا ئانا ئوغۇز سۈتى بارلىغىمىزدا
بۇ ئالەمنىڭ ئۇ قېتى سەن،بۇ قېتىدا مەن
ئەسلى شۇنداق چىن ئىرادە بار تېنىمىزدا
بەخىت قۇشۇڭ بولۇپ ھەردەم قۇنۇپ شېخىڭدا
دەردلىرڭگە بولۇپ دەردمەن ئاقاي يېشىڭدا
ياشىغىن سەن، ياشىغىن سەن ئەي مېنىڭ ئەركەم
مۇھەببەتكە سۆيگۈگە تولمامسەن قېشىمدا
سېنىڭسىز ئالەم بولالماس ئاستانە
سېنىڭسىز ئالەم ئۆزى بىر يىگانە
سېنىڭسىز كۈندە يۈرەرمەن سەرسانە
سېنىڭسىز تۈندە ئۇيقۇدىن بىگانە
سېنىڭسىز ئالەم بولالماس ئاستانە
سېنىڭسىز ئالەم ئۆزى بىر يىگانە
سېنىڭسىز كۈندە يۈرەرمەن سەرسانە
سېنىڭسىز تۈندە ئۇيقۇدىن بىگانە