作词 : Abdukayyum/PSN APTSALAM
作曲 : Abdukayyum
编曲 : Abdukayyum
يۈرەكتىكى پىنھان قىز
تېكىستى : ئابلىكىم مۇساق ئاشقىن
مۇزىكىسى : ئابدۇقەييۇم ئابدۇقادىر
چۈشلىرىمگە كىرگەن قىز،
مىنى دەرتتە قويغان قىز،
قىيا بېقىپ،يۈرەككە،
ئوتلار سېلىپ قاچقان قىز،
چۈشلىرىمگە كىرگەن قىز،
مىنى دەرتتە قويغان قىز،
قىيا بېقىپ،يۈرەككە،
ئوتلار سېلىپ قاچقان قىز،
شۇندىن بىرى ئىشقىڭدا،
كۆيۈپ كۆيۈپ كۈل بولدۇم.
سەن گوياكى شاھ سەنەم،
مەن گويا غىرىپ بولدۇم.
شۇندىن بىرى ئىشقىڭدا،
كۆيۈپ كۆيۈپ كۈل بولدۇم.
سەن گوياكى شاھ سەنەم،
مەن گويا غىرىپ بولدۇم.
****Music****
تىز كەلگىنچۇ يېنىمغا،
گۈل تېرىغىن بېغىمغا.
پەرھات كەبى ۋۇجۇدۇم،
سېنى ئالاي قوينۇمغا.
تىز كەلگىنچۇ يېنىمغا،
گۈل تېرىغىن بېغىمغا.
پەرھات كەبى ۋۇجۇدۇم،
سېنى ئالاي قوينۇمغا.
يۈرەكتىكى تەنھا قىز،
مېنى ئوتقا سالغان قىز.
كېچەلەردە ئۇخلاتماي،
مېنى سەرسان قىلغان قىز.
يۈرەكتىكى تەنھا قىز،
مېنى ئوتقا سالغان قىز.
كېچەلەردە ئۇخلاتماي،
مېنى سەرسان قىلغان قىز.
ناخشا تېكىستى كىرگۈزگۈچى : ئابدۇسالام ئابدۇقادىر
歌词贡献者:阿卜杜萨拉木·阿卜杜喀迪尔