作词 : ali nawa
作曲 : ali nawa/Elham Mamat
编曲 : ali nawa
◎خەخ ئىكەن◎
ئەلى ناۋا
تېكىست تەھرىرى: ئابدۇشۈكۈر ئوبۇل
Solo
ئۆزۈمدە يوق جاھاندا يوق
تىرىشتىم يوقنى تاپماقنى
قىيىن ئىشكەن دېدىم ئەڭ چوڭ
كىشى كۆڭلىگە ياقماقنى
ئاداش دېدى سۇنۇپ قولنى
مېنىڭدىن پايدا يەتكەندە
بىرى يوق تاپمىدىم ئەمما
ئەلەم ئىشىكىمنى چەككەندە
ئاداش دېدى سۇنۇپ قولنى
مېنىڭدىن پايدا يەتكەندە
بىرى يوق تاپمىدىم ئەمما
ئەلەم ئىشىكىمنى چەككەندە
ھاياتتا مالۇ- دۇنيانى
تېپىلماس نەرسىدەك بىلدى
ئىگىلسەم چارىسىز قالغاچ
ئەجەب بىرخۇمسىلىق قىلدى
ھاياتتا مالۇ- دۇنيانى
تېپىلماس نەرسىدەك بىلدى
ئىگىلسەم چارىسىز قالغاچ
ئەجەب بىرخۇمسىلىق قىلدى
Solo
ئەجەب ناچار ئىكەنمىز بىز
ئېغىر كۈنلەردە ياتلاشتۇق
مېنىڭدىن پايدا يەتكەندە
ئەبەتلىك ئاھ قېرىنداشتۇق
نېمە بولدى بۈگۈن ئەمما
ئاداش دېسەم تىنىق يوقتۇر
بۈگۈن ئەسقاتمىغان دوسلار
يۈرەگىم تۆرىدە يوقتۇر
نېمە بولدى بۈگۈن ئەمما
ئاداش دېسەم تىنىق يوقتۇر
بۈگۈن ئەسقاتمىغان دوسلار
يۈرەگىم تۆرىدە يوقتۇر
ئامىتىمدە ۋاي دېگەن دوسلار
داۋام ئالدىمدىدۇر نەخكەن
بۈگۈن بىلدىم پۇلۇم قالماي
تېگىدىن پەس ناچار خەخكەن
ئامىتىمدە ۋاي دېگەن دوسلار
داۋام ئالدىمدىدۇر نەخكەن
بۈگۈن بىلدىم پۇلۇم قالماي
تېگىدىن پەس ناچار خەخكەن
بۈگۈن بىلدىم پۇلۇم قالماي
تېگىدىن پەس ناچار خەخكەن
تېگىدىن پەس ناچار خەخكەن
#The·End#
歌词滚动贡献者:Abduxukur Obul