作词 : AbdullaErkin
作曲 : AbdullaErkin
تېكسىت كىرگۈزگۈچى : ئابدۇللا ئەركىن
گۈلىستان ئىچىرە گۈل بولماقچىدىم يىگانە
ياكى قىزىلگۈل ۋە ياكى رەيھانە
خەلقىم زوقلىنىپ قىلسا خەندانە
مىڭ رازى ئىدىم جېنىم بولسىمۇ قۇربانە
خەلقىم زوقلىنىپ قىلسا خەندانە
مىڭ رازى ئىدىم جېنىم بولسىمۇ قۇربانە
قىستۇرۇلسام قىز چېكىسىگە
ئايلىنارمۇ جەننەتنىڭ ھۆر پەرىسىگە
يۈرىكىمنى ئانام ھىدلىسا
ئايلىنارمۇ بال ئەترىسىگە
يۈرىكىمنى دوستلار ھىدلىسا
ئايلىنارمەن بال ئەترىسىگە
نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا
تاشلاپ كەتسە مېنى تۇپراققا
غورۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا
ئايلىنارمەن تىكەن - يانتاققا
نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا
تاشلاپ كەتسە مېنى تۇپراققا
غورۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا
ئايلىنارمەن تىكەن - يانتاققا
مەن خەلقمگە خۇشبۇي گۈلچىمەن
نائەھلىلەرگە تىكەنمەن تىكەن
مەن خەلقمگە خۇشبۇي گۈلچىمەن
نائەھلىلەرگە تىكەنمەن تىكەن
مەن خەلقمگە خۇشبۇي گۈلچىمەن