يامان كۈنلەدە تۇققانتۇق
پالازدىن تەستە ئايرىلىپ،
گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق.
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا،
تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
قانات قاققاندا ياتلاشتۇق
ئاناڭ كەتتى بىرەر ئۆيدە،
تۈزۈك تۆتكۈن تۇرالماستىن!
تىلىڭنى تاختىغا... نانلار،
ئازاپلاندى سۇرالماستىن!
بىرەر پاقلان سۇيالماستىن!
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان،
تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق.
。 。 。 。
زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق،
كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى،
قىلىپ تەرە...بەزەن جاھان،
جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق.
باقار چاغدا باھانە كۆپ،
كىسەل ياتقاندا ياتلاشتۇق.
باقار چاغدا باھانە كۆپ،
بەدەل قاچقاندا ياتلاشتۇق.
ئاناڭ كەتتى بېرىپ بىزدىن،
دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى.
چالارغا ساز ئىچەرگە ئاز،
كۆڭۈل دىن بىرگە ياز كەتتى.
غىزادا ئۆتتى ھېيىت-ئايەم،
قىلالماي جەم قېرىنداشنى.
ئۈتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق،
ئارانلا لىڭشىتىپ تاتىپ!
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا،
تالاي يىللىق قېرىنداشتىن،
مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.
مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.