作词 : Nurali-Tursun
作曲 : Nurali-Tursun
ئاسماندىكى ئاي ھەم قوياشتەك
پارلاپ تۇرار ئانامنىڭ چىھرى
ئوخچۇپ تۇرغان قاينام بۇلاقتەك
بەكمۇ ئىللىق ئانامنىڭ مىھىرى
پەرزەنىت ئۇچۇن كۆيۇپ ئوت بولۇپ
بىرەلەيدۇ يۈرەكنى يۇلۇپ
پەرزەنىت ئىشقى باغرىغا تولۇپ
بەكمۇ ئىللىق ئانامنىڭ مىھىرى
تۇرمۇش ئۈچۈن تاغلارنى يۇدكەن
راھەت كۆرمەي جاپادا ئۆتكەن
كىرپىك قاقماي بالام دەپ ئۆتكەن
بەكمۇ ئىللىق ئانامنىڭ مىھىرى
ئۇنسىز يىغلاپ كۆرسەتمەس يىشى
مۇھتاجلىقتا قاتسىمۇ بىشى
پەرزەنىت ئۇچۇن تەيياردۇر ئىشى
بەكمۇ ئىللىق ئانامنىڭ مىھىرى