تامبارا
گۈل ئالغاچمۇ كەلمەپسەن
بىغىڭدا گۈلۈڭ يوقمۇ
ھەجەپ سىرلىق قارايسەن
كۆڭلۈڭدىكى يار يوقمۇ
تامبارا تامبارا تامبارا ھەي
تامبارا تامبارا تامبارا ھەي
بىغىڭغا كىرىپ باقسام
شاپتۇلۇڭ ھەجەپ شاخلىق
لىۋىڭدە ناۋات بارىمۇ
سۆيسەم لەۋلەرىڭ تاتلىق
تامبارا تامبارا تامبارا ھەي
تامبارا تامبارا تامبارا ھەي
بىغىڭدا گۈلۈڭ بولسا
بۇلبۇلۇڭ بولاي يارىم
ناخشامغا قىتىۋىلىپ
سىنى يىغىلىتاي يارىم
تامبارا تامبارا تامبارا ھەي
تامبارا تامبارا تامبارا ھەي