作词 : Muhammat Masod Hebibi
作曲 : Abdusami
编曲 : Yarkin Yasin
تەغدىر بىر ھايات بەردى ماڭا،
ھاياتىم سەندىن ئىبارەت.
ئۆمرۈم مەناسى ئۆزۈڭ سەن،
سەن يۈرەگىمدە ھارارەت.
بۇ ئۆمۈر باغىمدا بول سەن،
بەختىمگە قۇرۇلغان ئىمارەت.
سۆيگۈنۈم سېنى يوقاتسام،
ھاياتىمدا بولمايدۇ ئامەت.
قوللۇرۇڭنى تۇتالمىسام،
تىزڭغا باش قويالمىسام،
سۆيۈپ سېنى سۆيۈلمىسەم،
بۇ دۇنيانى مەن نە قىلاي؟,
قوللۇرۇڭنى تۇتالمىسام،
تىزڭغا باش قويالمىسام،
سۆيۈپ سېنى سۆيۈلمىسەم،
بۇ دۇنيانى مەن نە قىلاي؟,
ئۆمۈر ئۆتەر پەسىل- پەسىل،
سەن بۇ ئۆمرۈمگە بىر باھار.
سۆيگىنىم يالغۇز سەن بىلەن،
چېچەك ئاچار گۈزەل ئارزۇلار.
بەخت گۈلىن قۇچاق-قۇچاق،
نە پايدا سەنسىز ھىدلىسام.
ئۆمۈر كىتابى ۋاراق ۋاراق،
نە پايدا سەنسىز ئوقۇسام.
قوللۇرۇڭنى تۇتالمىسام،
تىزڭغا باش قويالمىسام،
سۆيۈپ سېنى سۆيۈلمىسەم،
بۇ دۇنيانى مەن نە قىلاي؟,
قوللۇرۇڭنى تۇتالمىسام،
تىزڭغا باش قويالمىسام،
سۆيۈپ سېنى سۆيۈلمىسەم،
بۇ دۇنيانى مەن نە قىلاي؟,
جانىم سۆيگۈڭ بولسۇن ھەريانىم،
يۈرەگىم كۆيسۇن ئوتۇڭدا يېنىپ.
كىچەم ئۆتسە ئىشىكىڭدە سېنىڭ،
سەھەرلەر سەن بىلەن ئويغىنىپ.
قوللۇرۇڭنى تۇتالمىسام،
تىزڭغا باش قويالمىسام،
سۆيۈپ سېنى سۆيۈلمىسەم،
بۇ دۇنيانى مەن نە قىلاي؟,
قوللۇرۇڭنى تۇتالمىسام،
تىزڭغا باش قويالمىسام،
سۆيۈپ سېنى سۆيۈلمىسەم،
بۇ دۇنيانى مەن نە قىلاي؟,
بۇ دۇنيانى مەن نە قىلاي؟,