作词 : Kasimjan-Urayim
作曲 : Kasimjan-Urayim
编曲 : Kasimjan-Urayim
بۈشۈكلەردە ئانا تەۋرەتكەن
بىزلەر دوستۇم ياتقان ئەمەسمۇ
ئاغزىمىزغا ئانا سۈتىدىن
ئانا مىھرى تامغان ئەمەسمۇ
ئاغرىپ قالسام ئاق ناندا ئاشلاپ
دىلى كۈيۈپ كۈزىنى ياشلاپ
كۈندە سۈيۈپ تۈندە باغاشلاپ
بىزنى شۇنداق باققان ئەمەسمۇ
بىز يىمىسەك ئۆزى يىمەستىن
ئاچ يۈرسىمۇ ئاچتىم دىمەستىن
بىز كەيمىسەك ئۆزى كەيمەستىن
يوقنى ئىزدەپ تاپقان ئەمەسمۇ
يادىمىزدا بولسۇن ئانىلار
ئۇلار جاپا تارىتقان ئەمەئەمەسمۇ
ئۇلار جاپا تارىتقان ئەمەسمۇ