作词 : Turadin Abdurehim(Tajdar)
作曲 : Abduwali sattar
ۋىسالنامە
سىنى دەپ ئاشتىم داۋان ،ۋەسلىڭگە پۇرسەت يەتمىدى
نە داۋان ئۇچتۇم بۇلۇتتىن قەلبىمگە نۇسىرەت يەتمىدى
چاچلىرىڭ قورشاۋىدا قالدىم يىگانە ،بىئىلاج
ئامرىقىم تارتاي دىسەم ،مىسقالى كۈلپەت يەتمىدى
ئىچكىنىم ھىجران شارابى سۆيگۈ ـ مۇھەببەت جامىدا
سەن كېتىپ جانۇ ـ تېنىمگە بىر زەررە سۈلكەت يەتمىدى
ئاق نىيەت بولسۇن ماڭا يار ،ھېسلىرىم قۇمدىنمۇ پاك
شۇ تىنىق كۆزلەر ئارا ،مېھمانۇ -ئۈلپەت يەتمىدى
بولمىغىن مەندىن بىزار، كەتسەم كېلەرگە يولمۇ يوق،
تەلمۈرۈپ باغرىمدا كاككۇك ، سايراشقا بىر رەت يەتمىدى.
ۋادەرخ يارسىز ئۆمۈرنى كىم دىگەن تۇزسىز تائام
كەچمىشىم ئاقتى كۆزۈمدىن بىر قەرنە ھەسرەت يەتمىدى