作词 : Haji Bag
作曲 : Mamattursun Kurban
چىھرىڭىزدە كۈلكە بولسا خەنداندۇر ھايات
قەلىبلەرگە سۆيگۈ تولسا ئىمكاندۇر ھايات
مەردانىلەر مەردلىكىگە مەيداندۇر ھايات
قېرىنداشلار مەشرىپىدە مىھماندۇر ھايات
ئاچچىق-ئاچچىق كۆز ياشلارغا تولىدۇ يوللار
مەدەت بىرەر جېنىمىزغا مىھىرلىك قوللار
ئۈمۈد قۇشى پەرۋاز قىلار مەنزىلنى بويلاپ
قىسمەتلەرنىڭ پايانىغا ھەيراندۇر ھايات
گۈل-چىچەككە پۈركەنگەيمىز باھار دەتلىرى
ھەمرا يەنە بىزگە سوغاق قىشنىڭ دەتلىرى
ھەي...ھەي...ھايات غەملىرى
تەڭ بولاركەن ھەر كىشىنىڭ ئارتۇق كەملىرى
ئىنسان ئۈچۈن غەنىمەتتۇر مىھماندۇر ھايات
ئىنسان ئۈچۈن غەنىمەتتۇر مىھماندۇر ھايات
مىھماندۇر ھايات