作词 : DilxatRayidin
作曲 : DilxatRayidin
ئەسلىمە
سۆزى قۇربان ئوسمان ) قوزام(
مۇزىكىسىنى رەتلىگۈچى: دىلشات رايىدىن
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابدۇسالام ئابدۇسوپۇر
ئاككورد ئاۋاز ، ئاۋاز ئۈنۈملەش : شەۋكەت ئىزخان ) ئۆزكۈي ستۇدىيىسى(
قول ياغلىققا چېكىلگەن بىرجۈپ يۈرەكلەر
يار سوۋغىسى ساقلاقلىق مەڭگۈ قەلبىمدە
خاتىرەڭدۇر سائىتىڭ سول قول بىلەكتە
ئاقتى مېھرىڭ تومۇردىن ئوتلۇق يۈرەككە
ئۇنتۇلمايدۇ شۇ كۈنلەر مەڭگۈ ئەسلىمە
ئۇنتۇلمايدۇ شۇ كۈيلەر مەڭگۈ خاتىرە
ئۇنتۇلمايدۇ ئەقىدە بەرمە خاتىمە
ئۇنتۇلمايدۇ شۇ ياشلىق مەڭگۈ ئەسلىمە
تاغ سەيلىگە باراتتۇق سايرام كۆلىگە
ۋېلىسىپىتنى مىنەتتۇق قىزلار كەينىدە
گارمون گىتار تەڭكەشتۇر مۇڭلۇق كۈيلەرگە
قالدى گۈزەل ئەسلىمە ئېسىل تىلەكلەر
دەرەخلەرگە ئويۇلغان بىرجۈپ يۈرەكلەر
ئالبۇملاردا ساقلاقلىق نەپىس سۈرەتلەر
قەلبلەرگە ئوت سېلىپ مېھرى مۇھەببەت
سېغىنغاندا ھىدىڭنى ئوتلۇق نەپەسلەر
ئۇنتۇلمايدۇ شۇ كۈنلەر مەڭگۈ ئەسلىمە
ئۇنتۇلمايدۇ شۇ كۈيلەر مەڭگۈ خاتىرە
ئۇنتۇلمايدۇ ئەقىدە بەرمە خاتىمە
ئۇنتۇلمايدۇ شۇ ياشلىق مەڭگۈ ئەسلىمە
ئۇنتۇلمايدۇ شۇ ياشلىق مەڭگۈ ئەسلىمە